ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2024 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2024-07-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2024 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، توققۇز كۇرسانت ۋەكىلى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: يۇقىرى سىجىللىق، يۇقىرى سۈپەتلىك مەركەزلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدۇق، بۇ بىر قېتىملىق سىستېمىلىق، چوڭقۇر بولغان ئىدىيە جەھەتتىكى تاۋلىنىش بولدى؛ توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىز ئۆسۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە ئېڭىمىز سىجىل كۈچەيدى، بۇ بىر قېتىملىق پۇختا، ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىش بولدى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىمىز بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆسۈپ، كەسپىي بىلىم ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمىز تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىگە تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى، بۇ بىر قېتىملىق دەل جايىدا، ئەسقاتىدىغان ئىقتىدار مەشىقى بولۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەۋىلىكنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش، ئىقتىدارنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: خىزمەت ئورنىمىزغا قايتقاندىن كېيىن، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى داۋاملىق ياخشى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «بەش جەھەتتىكى ئاڭلىقلىق»نى ئاكتىپ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمىز.