شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلان تۈركۈمى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىگە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

2024-07-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

     شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلان تۈركۈمى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئارخىپ چىقىرىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە:

     ​ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلان تۈركۈمىگە: 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىنىدۇ؛

     يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە: 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىنىدۇ؛

    تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە: ئادەتتىكى تۈرلەرگە 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئالدىن(تەقلىدىي) ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە رەسمىي ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىنىدۇ؛ يەككە تۈر(چەت ئەل تىلىنى تاللاپ ئىمتىھان بەرگەنلەر)دە 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالدىن(تەقلىدىي) ئارخىپ چىقىرىلىپ، 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە رەسمىي ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىنىدۇ؛

    ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر تەشكىللىگەن ئالاقىدار باھالاشتىن ئۆتۈشى ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ياڭگۇاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» سۇپىسىدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

    قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى قوبۇل قىلىش مۇساپىسىگە ئاساسەن ھەر كۈنى سائەت 18:00دە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى يېڭىلايدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا چىقىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى»، «ئارزۇ تولدۇرۇش»، «شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى»غا كىرسە ياكى شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ بەيدۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىچىك پىروگراممىسى «ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى» ئارقىلىق، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ياكى كىملىك نومۇرى، مەخپىي نومۇرى ۋە يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش نومۇرىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

    ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئادەتتىكى تۈردىكى تولۇق كۇرس مۇددەتتىن بۇرۇن تۈركۈمى، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم پىلانىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ توپلاش ۋە ئارخىپ چىقىرىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، تېخى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ توپلاشقا قاتناشسا بولىدۇ!

    7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 8:00دىن 18:00گىچە، ئادەتتىكى تۈردىكى تولۇق كۇرس مۇددەتتىن بۇرۇن تۈركۈمى، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم پىلانىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ قوبۇل قىلىنىپ، 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىنىدۇ.

    7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 8:00دىن 18:00گىچە، ئايرىم تۈر(چەت ئەل تىلىنى تاللاپ ئىمتىھان بەرگەنلەر) بويىچە تولۇق كۇرس مۇددەتتىن بۇرۇن تۈركۈمى، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم پىلانىغا ئارزۇ قوبۇل قىلىنىپ، 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىنىدۇ.

    بۇ قېتىمقى ئارزۇ توپلاشتا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىدىكى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم(مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم(مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى، «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكومغا ئۆرلەش» تۈركۈمى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ.

     شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسا، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدان مەسلىھەت سوراش مەخسۇس لىنىيەسى(8750000-0991)گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى(8758128-0991)غا تېلېفون بەرسە ياكى 110غا تېلېفون قىلىپ پاش قىلىپ ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

«شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»نىڭ تور ئادرېسى: https://www.xjzk.gov.cn

«شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت ۋىيشىن نومۇرى: xjzs140304

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى