پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024-07-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئالاتاۋ پورتىدىكى دۆلەت دەرۋازىسىغا كېلىپ، پورتنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تاشقى سودىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، پورت تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، بورتالا، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پورتتىكى دۆلەت دەرۋازىسى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوچۇق تەرەققىياتقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىزچىل كېڭەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئالاتاۋ دۆلەت دەرۋازىسىغا كېلىپ، پورتنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تاشقى سودىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، پورت تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، يۈك پويىزىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، تۆمۈر يول، چېگرا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى. شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولىنى بەرپا قىلىشى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، پورت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مال ئۆتكۈزۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرۈپ، شۇ جايدا پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پورت ئىقتىسادىدا مىقدارنى ئاشۇرۇپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىغا كىرىپ، پورتنىڭ كۆپ مىقدارلىق ماللارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ماللارنى ئامباردا ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاتاۋنىڭ ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەۋزەل شارائىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، باغچە رايونىنىڭ ئىقتىدارىنى پائال كېڭەيتىپ، سودا ئوبوروتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا، ما شىڭرۇي يەنە ئالاتاۋ شىنبو نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىنى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى بازارنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى؛ شىنجاڭ جۇڭۋەيفۇ ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش، تىجارەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا بازارنى پائال ئېچىپ، كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ما شىڭرۇي يەنە بورتالا شەھىرىنىڭ 660×2 مىڭ كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە يىرىك پىلانى تەرەققىياتى ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشى، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى مەھكەم تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە كۈچلۈك يېتەكلەپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەم چېگرا بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلام قاراۋۇلخانىلىرىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، 3 - پەسىلدىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئارتۇقچىلىقنى تاۋلاپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يېڭىلىرىنى، كۈچلۈكلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاكتىپ ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقى كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىش، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇپ، دادىللىق بىلەن ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، كونا يولغا تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە پىلانلاپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى ئەمەلىي تېپىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە نۆۋەتتە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئاچقۇچلۇق ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.