ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى تۇردىموف بىلەن كۆرۈشتى

2024-07-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى تۇردىموف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

ما شىڭرۇي تۇردىموفنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە دۆلىتىڭلار زۇڭتۇڭىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان دوستلۇقى ۋە دوستانە ھەمكارلىقى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. بۇلتۇردىن بۇيان ئوبلاست باشلىقى جانابلىرى جۇڭگو شىنجاڭ تەرەپ بىلەن قويۇق بېرىش ـ كېلىش قىلىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ قېتىم يەنە سەمەرقەنت ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن كارخانىنى باشلاپ شىنجاڭ كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى، بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭىلا غەلىبىلىك ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى توغرىسىدا مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بوشلۇقىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ. ھازىر، ئۆزبېكىستاننىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىشى، يوشۇرۇن كۈچىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ ھەمكارلىق پۇرسىتى تېخىمۇ كېڭەيدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، دوست ئاپتونوم رايون ـ ئوبلاست مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، سانائەت ياسىمىچىلىقى ۋە ئامباردا ساقلاش ـ ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا ئەمەلىي تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشى ۋە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ مول ئۈنۈمگە ئىگە بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۇردىموف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ ھەم كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بوپتۇ. ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يۈرۈشۈشى نەتىجىسىدە، سەمەرقەنت ئوبلاستى بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى. جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ھەم يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ كەڭ سۇپا ۋە بوشلۇقنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. سەمەرقەنت ئوبلاستى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەڭ قويۇق دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ، بولۇپمۇ بىڭتۇەن بىلەن يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، ئاشلىق، سۇ تېجەش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە سەمەرقەنت ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، رايونلار ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي، جىن جىجېن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.