ئاپتونوم رايون بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىشتىكى يەتتە تۈرنى ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

2024-09-03 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 2024-يىللىق تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش تېما تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىدى، يەتتە تۈرنى پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈپ ئىلتىماس قىلىش باشلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۈر قوللاش خىراجىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

    بۇ يەتتە تۈر شىنجاڭنىڭ زامانىۋى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتى؛ شىنجاڭ ئالىملىرىنىڭ ھېكايىسى ۋە قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار مەخسۇس تەتقىقاتى؛ شىنجاڭدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش (قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى)؛ شىنجاڭنىڭ خاس پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئاقىللار ئامبىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەتقىقاتى؛ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى جانلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقاتى؛ شىنجاڭنىڭ پەن- مەدەنىيەت تارقىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەتقىقاتى __ شىنجاڭنىڭ پەن-مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى مىسال قىلىش؛ شىنجاڭنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئىلتىماس قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر بىر تۈرنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىر ئورۇننى بېكىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات تېمىسى خىراجىتى 300 مىڭ يۈەن؛ شىنجاڭ ئالىملىرىنىڭ ھېكايىسى ۋە قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى خىراجىتى 300 مىڭ يۈەن؛ شىنجاڭدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش (قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى) تېمىسى خىراجىتى 100 مىڭ يۈەن؛ شىنجاڭنىڭ خاس پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئاقىللار ئامبىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەتقىقات تېمىسى خىراجىتى 60 مىڭ يۈەن؛ باشقا تېمىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ خىراجىتى 30 مىڭ يۈەن بولىدۇ.

    تەلەپ بويىچە، ئىلتىماس قىلىش سۇبيېكتى مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە ئورۇن بولۇشى، تېمىنى تاماملاشتا زۆرۈر بولغان ئىختىساسلىقلار شارائىتى ۋە ماددىي شارائىتقا ئىگە بولۇشى، تەتقىقات كوللېكتىپى تەشكىللىشى ھەمدە تۈر مەسئۇلىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ئىلتىماس قىلغاندا ئاز دېگەندە بىر پارچە ئالاقىدار ساھەنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئوخشاش شەرت ئاستىدا، چوڭ-چوڭ مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان ئورۇنلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خامچوت ئورنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

    باھالاش نەتىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.