تۇرپان كارىزى دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

2024-09-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن جىبىننىڭ تۇرپان شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاۋسترالىيە سىدنېيدا ئېچىلغان خەلقئارا سۇغىرىش - زەي چىقىرىۋېتىش كومىتېتىنىڭ 75 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كېڭىشىدە، 2024 - يىللىق (11 - تۈركۈم) دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۇرپان كارىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللانغان.

كارىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلق ئىنتايىن قۇرغاق ۋە پارغا ئايلىنىش مىقدارى يۇقىرى شارائىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن بەرپا قىلغان تېيىز قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىش ئېلىپ بارىدىغان قەدىمكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى. كارىزنىڭ «يەر ئاستى قانىلى» دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، تۈمەن چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ - خاڭجوۋ چوڭ قانىلى بىلەن تەڭ نام چىقارغان، ھەم جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالغان. ئۇ خۇددى قان تومۇردەك تۇرپاننىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان بولۇپ، قار - مۇزدىن ئېرىگەن سۇلار كارىز ئارقىلىق تاتلىق ئۈزۈملەرنى سۇغىرىپ، تۇرپاندىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

تۇرپان شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى زىلاۋۇدۇن جالالىدىن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان كارىز 1540قا يېتىدۇ، تۇرپاندىلا 1200دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 190غا يېقىن كارىزدا يەنىلا سۇ ئېقىنى بار بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 114 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، سۇغىرىش تىزگىنلىنىدىغان كۆلەم 100 مىڭ موغا يېقىنلىشىدۇ، يېپىق ئۆستەڭنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار كارىزنىڭ شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى كارىزنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇكەممەل بولغان قوغداش، باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىش، مەخسۇس قوغداش ئاپپاراتى قۇرۇش ھەمدە قاتتىق بولغان قوغداش يىرىك پىلانى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى تۈزۈش ئارقىلىق كارىزنى رېمونت قىلىش، راۋانلاشتۇرۇش ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىڭ سۇغىرىش ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 2023 - يىلى، تۇرپان كارىزىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يېڭى باسقۇچقا كىردى، شۇ جاي «تۇرپان كارىزىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ ھەم يولغا قويۇپ، تۇرپان كارىزىنى دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.

زىلاۋۇدۇن جالالىدىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىش تۇرپان كارىزىدىن ئىبارەت قەدىمىي ھەم ئۆزگىچە يەر ئاستى سۇچىلىق سۇغىرىش سىستېمىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇرپان شەھىرى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارىز مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كارىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكى 2014 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيا سۇغىرىش مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى رەتلەپ، سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى سۇغىرىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر سۇ تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتىنى يەكۈنلەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان سۇغىرىش تەرەققىياتىنى تارىخىي تەجرىبە ۋە ئىلھام بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسى 38گە يەتتى.