شىنجاڭ ئاشلىق - ياغ كەسپىدە «پۈتۈن مەملىكەتكە تۆھپە قوشۇش»نى تېزلەتتى

2024-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «شىنجاڭنىڭ دىققەتنى توققۇز چوڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى(ئاشلىق - ياغ كەسىپ توپى مەخسۇس مەيدان يىغىنى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى ئاشلىق - ياغ كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق - ياغ كەسىپ توپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى مۇقىم ياخشىلىنىپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇرۇقلۇق ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى، ياغلىق دان ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى سىجىل ئۆسكەن.

«ئاشلىقتا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇش، تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇش، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شيې يىڭجوۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بازارنى يۆنىلىش، كەسىپنى يېتەكچى، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازىنى تايانچ قىلىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقتا ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش، يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئۆزەك» مەسىلىسىنى مەنبەدىن ھەل قىلدى. 2024 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مۇددىئانامە كۆلىمى 4 مىليون 547 مىڭ مو بولۇپ، ھوسۇلى 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىلغان شالغۇت ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ %95ى خېيلۇڭجياڭ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇرۇقلۇق ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

ئۇرۇقچىلىقنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭ «100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، 1000 مو يەردە بەرپا قىلىش، 10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى بۇغداي، قوناقنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكا لايىھەسىنى تۈزۈپ، يېتەكچى سورتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتتى. شىنجاڭ بۇغداي، قوناق، دادۇر، ياغلىق داندىن ئىبارەت ئاشلىق - ياغ تۈرىدىكى تۆت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسىنى مەخسۇس قۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاپ مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئاشلىق - ياغ كەسپى بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مو يەردىكى مەركەزلىك تۇتاش تېرىلغان كۈزگى بۇغدايدا بىردەك مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدىكى كۈزگى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى، ئاشلىقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتىكى «شىنجاڭ لايىھەسى» يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تۈرلۈك مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، بۇغداي ۋە دادۇر تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق تېرىش، ئاشلىقنى تۇتۇش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاشلىق، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتاپپەرەس، قىچا، دادۇر قاتارلىق ياغلىق دان زىرائەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىليون مو ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن سەل ئاشتى، چىگىت ھوسۇلى 6 مىليون 400 مىڭ توننا، چىگىت يېغى مەھسۇلات مىقدارى 600 مىڭ توننا بولۇپ، دۆلەتنى ياغ بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەنبەگە ئايلىنىشى مۆلچەرلەندى.

يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، ياغلىق دان تېرىقچىلىقىدا بىردەك يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولغان، كېيىنكى مەزگىلدە چوڭ تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يېڭىدىن 1 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.