ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2024-09-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنى ئۈرۈمچىدە 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 59 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش نىزامى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ تەرەپتىن تۈگىتىش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن بازارلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون نىزامى> بىلەن بىردەك بولمىغان يەرلىك نىزام ۋە يەككە نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك ماددا - تارماقلارنى تەتبىقلاشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارى»نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش نىزامى» قاتارلىق سەككىز يەرلىك نىزام، قارار، بېكىتمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئارخىپ قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي - كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىزلاپ نازارەت قىلىش ھەققىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، ۋاڭ گوخې، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.