ما شىڭرۇي قاتناشتى، خۇەي جىنپېڭ، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 27 - نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى نۇقتىلىق پائالىيەتلىرى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر، مەملىكەتلىك پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خۇەي جىنپېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ نۇقتىلىق پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە قوزغاتماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تىل ئۇلىنى مۇستەھكەملەش» باش تېمىسىدىكى 27 - نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى نۇقتىلىق پائالىيەتلىرى شىنجاڭ قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي پائالىيەتكە قاتناشتى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر، مەملىكەتلىك پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خۇەي جىنپېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.
خۇەي جىنپېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىللىق خاراكتېرى، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.
خۇەي جىنپېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى خىزمىتىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسىگە ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئادەم تەربىيەلەش قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «كەسپىي ماھارەت + پۇتۇڭخۇا» بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، تىل - يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە تىل - يېزىق ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ، تىل - يېزىق بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىل - يېزىق رەقەملىك بايلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشكە مۇلازىمەت قىلىپ، تىل - يېزىقنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىك ماسلىشىدىغان، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت پۇتۇڭخۇانى ئورتاق ئومۇملاشتۇرىدىغان جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، مەركەزدىكى ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىشنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش - ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت يېڭى دەۋر پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەيدۇ، ئۆستۈرىدۇ. تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار، ئىشلەمچى خادىملارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئورتاق يېزىقنى قوللىنىش، ئورتاق تىلدا سۆزلىشىش» جەريانىدا ئۈن - تىنسىز ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن تاۋلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، دۆلەت تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ساھەدىكى ئامما ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى شىنجاڭغا «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش دېكلاماتسىيە ئامبىرى» رەقەملىك بايلىقىنى سوۋغا قىلدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭيەن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، لى شۈ، مەملىكەتلىك پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەملىكەتلىك پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلار، دۆلەت تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھە، سىستېمىلار، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر، دۆلەت تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى قاتارلىقلارمۇ پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، خاسلىققا ئىگە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.