ئەركىن تۇنىياز تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، توقسۇن، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسىگە بېرىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە بايلىقىنى قېزىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۇرپان چاتقال كۆمۈرلۈكىدىكى ئوت رايونى ۋە چىچان ئوت رايونى ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز ئوت رايونىنىڭ تارقىلىشى، كۆلىمى، يەر شەكلى ۋە كۆيۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئوت كېتىش سەۋەبى، كۆيۈش چوڭقۇرلۇقى ۋە قالدۇق كۆمۈرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە ئېنېرگىيە كەسپى بىخەتەرلىكى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، تۈزەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملاش كېرەك. بىر تەرەپتىن تۈزەپ، بىر تەرەپتىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يانداش ئۇلاش شەكلىدىكى خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوت رايونىدىكى ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىش، ئوت رايونىدا مىقدار كۆپىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوت رايونىدىكى ئوتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆچۈرۈش، يەر شەكلى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر كانلارنىڭ ماھىيەتتىن بىخەتەر بولۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خۇانېڭ گۇرۇھىنىڭ تۇرپان شەھىرى 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى، گۇاڭدۇڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ توقسۇن ناھىيەسى 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى، تېخنىكا لىنىيەسى، مۇھىم ئامىل كاپالىتى، قۇرۇلۇش مۇددىتى - ۋاقىت تەرتىپى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سوراپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈرلەرنى بالدۇر پۈتكۈزۈش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش سۈرئىتى، تېخنىكا، ھۈنەر - سەنئەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، قىيىن مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چەت ئەل بازىرىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك.
ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل بازىرى داساۋخۇ غول ئۆستەڭ زامانىۋى ئەسلىھەلىك بېلىقچىلىق تۈرى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز سالمون بېلىقى قاتارلىق خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى، تېخنىكىسى، بازار ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرپان شەھىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتى مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشى كېرەك. نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، شامال قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى توپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تۈۋرۈك كەسىپلىرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.