ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك
8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان جۇڭمەن نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ۋېنبېي بىرلەشمە پونكىتىغا كېلىپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ تارقىلىش، چارلاش، قېزىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پاختا توقۇمىچىلىق ۋە نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جابدۇق پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، «ئاۋۋال بوياش، ئاندىن توقۇش» تېخنىكا ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئەھمىيىتى زور، نۇقتىلىق كارخانىلارنى سىياسەت، مۇھىم ئامىل قاتارلىقلار جەھەتتىكى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. توقۇمىچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى پائال ئېچىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي كارخانىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش مەركىزى (دۆلەت پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش مەركىزى)گە كېلىپ، ما شىڭرۇي خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، پاختا ئايرىش، ئۆلچەش قاتارلىق تەرتىپلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ پاختىسىنى دۇنيانى كۆزدە تۇتۇپ ئورنىنى بەلگىلەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئىدىيە ۋە ئەندىزىنى يېڭىلاشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىش سەۋىيەسىنىڭ سىجىل ئۆسۈشى، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنىغا كىرىپ، ما شىڭرۇي تەتقىقات يۆنىلىشى، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خۇاڭ چىڭشۆ، جىن جىشىن قاتارلىق پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى، ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسى، كان قېزىش جابدۇقلىرى، بىرىكمە ماتېرىيال قاتارلىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كان، يېڭى ماتېرىيال، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق ئەۋزەل ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى جىددىي ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي جۇڭمەن نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ۋېنبېي بىرلەشمە پونكىتىغا كېلىپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ تارقىلىش، چارلاش، قېزىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش ۋە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال قاتنىشىپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ يەرلىككە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تەرەڭ دەرياسى ئويمانلىق سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش، سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ۋادىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنى، ئوڭ - سول قىرغىقى، غول - تارماق ئېقىنلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەقسىملەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقى ئارقىلىق رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇشنى تەكىتلىدى.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي بوشاشماي ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تۇتۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، گەۋدىلىك بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى سىجىل بۇزۇپ تاشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، كەسىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئاچقۇچلۇق تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كۈچ تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنى بېيىتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.