ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رىقابەت كۈچى ئاقىللار ئامبىرى، بېيجىڭ جۇڭشىن شەھەر پىلانلاش- لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىرلىكتە «جۇڭگو ناھىيە ساياھەت رىقابەت كۈچى دوكلاتى 2024»نى ئېلان قىلىپ، 2024- يىللىق جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە قاتارلىق كۆپ تىزىملىكنى ئاشكارىلىغان، شىنجاڭدىن بەش جاي تىزىملىككە كىرگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئازادلىق جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ساياھەتچىلەر ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت) ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىن غۇلجا شەھىرى، بۇرچىن ناھىيەسى 2024- يىللىق جۇڭگو ناھىيە تەۋەسىدىكى ساياھەت ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى جەھەتتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە، شەھەر تىزىملىكىگە تاللىنىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 70-، 94- ئورۇندا تۇرغان؛ قەشقەر شەھىرى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى 2024- يىللىق جۇڭگو ناھىيە تەۋەسىدىكى ساياھەت تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى جەھەتتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە، شەھەر تىزىملىكىگە تاللىنىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 21-، 59- ئورۇندا تۇرغان؛ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى 2024- يىللىق جۇڭگو بويىچە شەھەرگە قاراشلىق رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى جەھەتتىكى 100 كۈچلۈك رايون قاتارىغا كىرىپ، 62- ئورۇندا تۇرغان.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 2024- يىللىق جۇڭگو ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى جەھەتتىكى 50 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىزىملىككە كىرگەن.