​قۇرۇلۇشنىڭ قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە پائال كۈچ قوشىمىز

2024-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالارنى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدى​

قۇرۇلۇشنىڭ قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە پائال كۈچ قوشىمىز

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى ھەم شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى قۇرۇلۇشى ھەم شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى چۆرىدەپ مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2019 - يىلى 10 - ئايدا باشلانغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ «13 - بەش يىل» «14 - بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى «بىر پورت، بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇشتا 2 -، 3 - ئۇچۇش يولىنى ياساش، يېڭىدىن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى، بېكەت سۇپىسى قۇرۇش ھەمدە يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش پىلانلاندى. نۆۋەتتە قۇرۇلۇش جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كىرىپ، يولغا چىقىش زالى، ئالمىشىش مەركىزى قاتارلىق رايونلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار تۈر مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىغا كېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈرۈشۈشى ھەم كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، كۆپچىلىك ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھەمدە شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشتىكى مەقسەت پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە كارخانىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تەكلىپ سۇنۇش، كېڭىشىش، تەكلىپ بېرىش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەكلى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پايدىلىق قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بىلەن ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتور بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئەزالار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشتى.