ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى(2 ـ قارارلىق) تاماملاندى
تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى (2 ـ قارارلىق) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە تاماملاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىن ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلىك، مەزمۇنى مول. تەربىيەلەش مەزگىلىدە، كۆپچىلىك قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولۇش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇش، ھەرىكەت جەھەتتە ئاڭلىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، ماس كۈچەشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ئۆز خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ماسلاشتۇرۇپ، سىستېمىلار بىلەن رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ دادىل ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرگە كۈچەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا، تۆت يولداش پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.