ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئاۋىياتسىيە كەسپى شۆيۈەنىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى. بۇ شۆيۈەننىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاۋىياتسىيە ساھەسىنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئاۋىياتسىيە كەسپى ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەيتى يېتىپ كەلدى، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش يولى تورى قۇرۇلمىسىنى تورلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات سۇپىسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاۋىياتسىيە كەسپى ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىلەن فۇجيەن يۈنياڭ مائارىپ پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئاۋىياتسىيە كەسپى شۆيۈەنى مەۋقەنى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسىپ قۇرۇلۇشى ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۆزلەپ، كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا ھازىر تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىدىن 27سى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمىدىن 17سى بار ئىكەن. بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 32 مىليون 320 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشقان. كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي غول لىنىيە چوڭ يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئەشيا ئوبوروتى يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن.
جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ئالىمى ۋۇ گۇاڭخۇي ئالاقىدار يولداشلار بىلەن شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئاۋىياتسىيە كەسپى شۆيۈەنىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم سۆز قىلدى، ۋۇ گۇاڭخۇي سۆز قىلدى.
ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىلەن شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كېلىشىم ئىمزالىدى، شىنجاڭ تيەنيۈن مائارىپ گۇرۇھىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھەرقايسى ئورۇنلار ئورتاق كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئاپتونوم رايون ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئاۋىياتسىيە كەسپى شۆيۈەنىنىڭ 2024 ـ يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.