شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى «ئۇلۇغ ۋەتەننى مەدھىيەلەش، گۈزەل شىنجاڭنى كۈيلەش» تېمىسىدىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى كۆرىكى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى باشلانغان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، تەييارلىق مۇسابىقە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، 56 تۈرلۈك مۇكاپات ھەرقايسى ئورۇنلارغا تارقىتىپ بېرىلدى. 81 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 5800دىن ئارتۇق ھەر مىللەت پارتىيە ئەزاسى، كادىر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نومۇر ئورۇنلاپ، كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرى ئارقىلىق، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، ئۇلۇغ ۋەتەننى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مەدھىيەلەپ، پارتىيەگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقى ۋە ساداقىتىنى ئىزھار قىلىپ، ۋەتەنگە بولغان چىن مۇھەببىتى ۋە گۈزەل تىلىكىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتتە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەدھىيەلەپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پائال ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلارغا تېخىمۇ پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا؛ يۇقىرى سۈپەتلىك ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىندى.
ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 2000دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.