يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريولى توشۇغان يولۇچى 11 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2024-09-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولى جەمئىي توشۇغان يولۇچى 11 مىليون 507 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

بۇ يىللىق يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۆمۈريول 12306 سۇپىسىنىڭ بېلەت سېتىش ۋە تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىش چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پويىز قاتناش لايىھەسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىش، ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قايتا تۇتاشتۇرۇش، ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىغا ۋاگون قوشۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قىزىق نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكى، يۆنىلىش ۋە رايونلار ئارىسىدا تىرانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقتىدا كۆپەيتتى، جەمئىي 8725 قېتىم يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 740ى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %9.3كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» «تىيانشان ناملىق» «تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھىتى» قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن جەمئىي 32نى يولغا سالدى، شىنجاڭغا كىرىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 62نى قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %50كە يېقىنلاشتى، 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى پويىزغا ئولتۇرۇپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدى.

يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈردى، ھەرقايسى ئاساسلىق ۋوگزاللار بېلەت سېتىش زالى، مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق جايلاردا يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، ھەرىكىتى قولايسىز ياكى ھەمراھى بولمىغان نۇقتىلىق يولۇچىلارنى ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ بوران، قارا يامغۇر قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان بىنورمال ھاۋارايىغا قارىتا، قاتناشنى توختىتىش، سۈرئەتكە چەك قويۇش، ئايلىنىپ ئۆتۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالدىن قوللىنىپ، خەۋپ - خەتەردىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلاندى ھەم پويىزنىڭ قاتنىشىنى توختىتىش، پويىز كېچىكىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يولۇچى توشۇش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپلا قالماي، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارىمۇ 39 مىليون 698 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشتى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر، نېفىت، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بۆلەك ئىتتىپاقى ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، تىرانسپورت ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلىدى؛ «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۆمۈريول - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت مەخسۇس پويىزىدىن ئۈچنى تەشكىللەپ قاتنىتىپ، مەخسۇس پويىزنىڭ توشۇش ۋاقتىنى 77 سائەت ئىچىدە كونترول قىلدى؛ يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاقسۇ - قەشقەر بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى دائىملىق قاتناتتى، ئاقسۇ - قەشقەر بۆلىكىدە، جىڭ - قورغاس تۆمۈريولىدا يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا كۆپەيتىلگەن 28 ئۇچرىشىش - يول بېرىش ۋوگزالىنىڭ ھەممىسى مۇددەتتىن 50 كۈن بۇرۇن ئېچىلىپ، توشۇش ئىقتىدارى %110 ئاشۇرۇلدى؛ شىنجاڭ ئىچىدە كۆمۈر ئايلانما پويىزىنىڭ يولۇچىلار پويىزى شەكلىدە قاتناش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 78 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلدى؛ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش سالمىقى زورايتىلىپ، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 233 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلدى.