ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنى قانۇنچىللىق توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى
قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنى قانۇنچىللىق توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى»نى ئۆگەندى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش تەكىتلەندى.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى.
جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسى قانۇنچىل ھۆكۈمەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتور يېتەكچىسى ساۋ ليۇ «يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئاساسىي يولى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىنى ئۆزگەرتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى، بۇ قېتىمقى قانۇننى ئۆزگەرتىشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئاساسىي پىكىر يولى، ئۆزگەرتىلگەن ئاساسلىق مەزمۇن ۋە مۇھىم ئىجادىيەت، يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشى، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلار «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ۋە دۆلەت قانۇنى تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا، شۇ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خەلققە قولايلىق، خەلقنى كۆزلەيدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، قائىدە، تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ھوقۇقنى ئىشلىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرۈپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تالاش - تارتىشلارنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىپ دېلو بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكى ۋە چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش مۇرەسسەسى بىلەن خەلق مۇرەسسەسى، ئەدلىيە جەھەتتىن مۇرەسسە قىلىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەگە قاتناشتى.