شىنجاڭ 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ 144 گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى قوللايدۇ

2024-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 ـ يىلى ئاپتونوم رايون مالىيەسى 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ 144 گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى قوللايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي گېئولوگىيە تۈرىدىن 23ى، مېتال − مېتاللوئىد قېزىلما بايلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىدىن 111ى، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىدىن ئونى بار ئىكەن.

«تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك نامايان بولدى: دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئورۇنلاشتۇرمىنى زورايتىش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ئېردېمتى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ قوللاش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىپ، تۈر سانى تېخىمۇ كۆپەيتىلىپ، چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسى شەكىللەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2025 ـ يىلى ئاپتونوم رايون مالىيەسى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى قوللاشتا نېفىت، تەبىئىي گاز، سىلانېتس گازى، كۆمۈر قاتلىمى گازى، تۆمۈر، مانگان، خىروم، مىس، ئالتۇن قاتارلىق قىس قېزىلما بايلىقلار ۋە ۋولفرام، مولىبدېن قاتارلىق ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدىكەن. خىزمەت رايونى جايلاشقان رايونلارغا ئاساسەن، ئالتاي تېغى ئەتراپىغا 16 تۈر، كوئېنلۇن تېغى ـ ئالتۇنتاغ ئەتراپىغا 60 تۈر، تارىم ئويمانلىقى ھەم ئەتراپىغا 27 تۈر، تىيانشان تېغى ـ بېيشەن تېغى ئەتراپىغا 29 تۈر، جۇڭغار ئويمانلىقى ھەم ئەتراپىغا 12 تۈر تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۈر سانى 87 بولۇپ، ئومۇمىي تۈر سانىنىڭ %60ىدىن ئاشقان؛ خىراجىتى 408 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئومۇمىي خىراجەتنىڭ %60ىدىن ئاشقان.

ئاپتونوم رايون مالىيەسى يەنە «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان نىشانىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاساسىي گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى كۈچەيتىپ، رايونلاردا كان ئىزدەشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كان ئىزدەش نىشان رايونى بىلەن تەمىنلىدى. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، چوڭقۇر كەسمە يۈزلۈك، تېيىز قاپلىمىلىق مېتال قېزىلما بايلىقلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش رايونى ۋە نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى، كالىي تۇزى مول ئويمانلىقلارغا قارىتا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ئۇچقۇغا ئورنىتىلغان يۇقىرى پەرق ئېتىشچان سىپېكتىر، ئاۋىياتسىيە ئېلېكتىر ماگنىتى، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئۈچ ئۆلچەملىك ئېلېكتىرودلاشتۇرۇش، يېنىك تىپتىكى ئەپچىل بۇرغىلاش ماشىنىسى قاتارلىق «بوشلۇق، ھاۋا، يەر» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش جابدۇقلىرى، تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، تۈرگە خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدە قوزغىتىلدى. 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى تاماملىنىدۇ، 12 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دالىدا قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تېخنىكا تەييارلىقى خىزمىتى تاماملىنىدۇ.