شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قوناقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىدا بەش تۈرلۈك رېكورت ياراتتى

2024-10-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا ئاشلىقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىنىڭ ئاشقانلىقى توغرىسىدا يەنە خۇش خەۋەر تارقالغان! يېقىندا، دۆلەت قوناق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىن كەلگەن 13 مۇتەخەسسىس ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسىدىكى قوناق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزىدا ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ يەنە مەملىكەت بويىچە قوناقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىدا بەش تۈرلۈك رېكورت ياراتقان.

بۇ بەش تۈرلۈك رېكورت ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇنۇلار: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى مەملىكەت بويىچە 100 مو يەردە قوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان، 100 مو يەردىكى ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل 1576.88 كىلوگىرام بولۇپ، ئەسلىدىكى رېكورتتىن 30.94 كىلوگىرام ئاشقان؛ توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارسىن بازىرى مەملىكەت بويىچە 1000 مو يەردە قوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان، 1000 مو يەردىكى ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل 1550.15 كىلوگىرام بولۇپ، ئەسلىدىكى رېكورتتىن 122.49 كىلوگىرام ئاشقان؛ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش بازىرى مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ مو يەردە قوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان، 10 مىڭ مو يەردىكى ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل 1392.7 كىلوگىرام بولۇپ، ئەسلىدىكى رېكورتتىن 92.06 كىلوگىرام ئاشقان؛ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ 100 مىڭ مولۇق قوناق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى مەملىكەت بويىچە 100 مىڭ مو يەردە قوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان، 100 مىڭ مو يەردىكى ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل 1358 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئەسلىدىكى رېكورتتىن 240.6 كىلوگىرام ئاشقان؛ ئىلى ئوبلاستىدىكى مىليون مولۇق قوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بازىسىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 1164.7 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مىليون مو يەردە قوناقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىدا رېكورت يارىتىپ، مەملىكەت بويىچە مىليون مو دەرىجىلىك قوناق «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى»نى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستى بەرپا قىلغان بەش تۈرلۈك قوناقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇل رېكورتىدا مىليون مو يەردە رېكورت تۇنجى قېتىم يارىتىلغاندىن باشقا، 100 مو يەر، 1000 مو يەر، 10 مىڭ مو يەر، 100 مىڭ مو يەردە 2023 - يىللىق مەملىكەت رېكورتى شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن، شىنجاڭ ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە قوناقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ كەلگەن.

«بۇ رېكورتلار شىنجاڭدا ئاشلىقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىنىڭ مول نەتىجە بەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭ مەۋقەنى «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فاڭجېنىغا قويۇپ، «قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆلەمنى كېڭەيتىش، بىرلىك ھوسۇلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش پىكىر يولى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، «كۆپ خىل تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت مەھسۇلاتنى تەكشى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇش، تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇش، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭدىكى 100 مولۇق، 1000 مولۇق، 10 مىڭ مولۇق تۇتاش كەتكەن كۈزگى بۇغدايلىق ئايرىم - ئايرىم ھالدا مو بېشى ھوسۇلى 795.8 كىلوگىرام، 756.2 كىلوگىرام، 720.4 كىلوگىرام بولۇشتەك نەتىجە بىلەن مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدىكى كۈزگى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلىدا رېكورت ياراتقان، يازغى بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 796.10 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە يازغى بۇغدايدىن 100 مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان. شىنجاڭ خاسىڭى مو بېشى ھوسۇلى 658.24 كىلوگىرام بولۇشتەك نەتىجە بىلەن مەملىكەت بويىچە خاسىڭدىن 1000 مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان.