شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 40 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2024-10-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 65 كۈن ئالدىغا سۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى جەمئىي توشۇغان يولۇچى 40 مىليون 125 مىڭ ئادەم قېتىم، ئورۇندىغان يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 233 مىڭ توننا بولۇپ، 457 مىڭ ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش ۋە قونۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %18.1، %45، %11.3 ئاشتى، يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 65 كۈن بۇرۇن 40 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، كۈچەيدى. 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىگىچە، ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئالتاي شۆدۇ ئايرودۇرۇمىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى... ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار كۆپ قېتىم تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىدا يېڭى رېكورت ياراتتى.

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىغا قاراشلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايرودۇرۇملار ئىچىدە، بۇ يىل 8 ـ ئايدا يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدىن باشقا، تۇرپان، قەشقەر، كېرىيە، كۇچا، غۇلجا، قاراماي، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق 17 ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق يولۇچى توشۇش ئومۇمىي مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى. بولۇپمۇ تۇرپان يارغول ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن بىر قاتلىنىپ، موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ئىككى قاتلىنىپ، كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى.

قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئالتاي ـ چۇڭچىڭ، ئالتاي ـ شىئەن، كۆكتوقاي ـ غۇلجا ـ قەشقەر، تۇرپان ـ ئاقسۇ ـ يەكەن قاتارلىق كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئېچىپ، كۆپەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار ـ مۇز ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.