شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورى پۈتتى

2024-10-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسى شەكىللەندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، چۆچەك - شىخو 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورى رەسمىي پۈتۈپ، شىنجاڭدا «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۆچەك - شىخو 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، قۇرۇلۇش چۆچەك 750 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتىدىن باشلىنىپ، شىخو 750 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 631 كىلومېتىر، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۆمۈر مۇنار 1391، قۇرۇلۇشقا تەخمىنەن 2 مىليارد 772 مىليون يۈەن ھەرىكەتلىك مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2022 - يىلى 9 - ئايدا ئىش باشلىنىپ، ئىككى يىلدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

بۇ قۇرۇلۇش شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۈچ جاينىڭ تور رامكىسى قۇرۇلمىسىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ جاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

قۇرۇلۇش جەريانىدا، قۇرۇلۇشتىكى يېرىمدىن كۆپرەك مۇنار ئۇلى بەيكوۋچۈەن، مايتاستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شامال رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئەڭ يۇقىرى شامال سۈرئىتى سېكۇنتىغا 39 مېتىرغا يېتىدۇ.

بورانلىق ھاۋارايى شارائىتىدا تۆمۈر مۇنار بولتىسىنىڭ سىيرىلىپ كېتىش ۋە بوشاپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشتا ھالقىسىمان ئوقۇر قالپاقلىق مىخ تېخنىكىسى قوللىنىلدى. بۇ خىل تېخنىكىدا مەخسۇس پەرچىنلەپ ئۇلاش قورالى ئىشلىتىلىپ، قالپاقلىق مىخنى سوزۇش ئارقىلىق مېتالنى مۇستەھكەم ئۇلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى بولتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى. بۇلارنى سېلىشتۇرغاندا، ھالقىسىمان ئوقۇر قالپاقلىق مىخ تەۋرىنىشكە ۋە بوشاپ كېتىشكە تېخىمۇ تاقابىل تۇرالايدۇ، ئىشلىتىلىش ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزاق، يەنە ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىش سەۋەبىدىن سۇنۇپ كېتىش ئەھۋالى ئاسان كۆرۈلمەيدۇ.

«بۇ تۈرلۈك تېخنىكا تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلدى» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتى 1 - تۈر باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تۈر نەق مەيدانىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مەخسۇس مەسئۇلى جاڭ شىڭ.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىيانشان شەرقىي ھالقىسىمان تورى، ئۈرۈمچى - سانجى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى ھالقىسىمان تورى ۋە تىيانشان غەربىي ھالقىسىمان تورى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورى، شىمالىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورىدىن ئىبارەت 750 كىلوۋولتلۇق بەش ھالقىسىمان تورنى قۇرۇپ چىقتى. شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول» ئاساسىي تور رامكا ئەندىزىسى رەسمىي شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ھەم ئىشەنچلىكلىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى.