ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يىكاڭ بىلەن كۆرۈشتى

2024-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يىكاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سىنگاپورنىڭ يەرلىكلەر ئارا دوستانە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئۆزئارا دوستانە ئۆتىدىغان يېقىن قوشنىلار ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە دۆلىتىڭلارنىڭ رەھبىرى جۇڭگو ـ سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، سىنگاپور بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق. بىز مىنىستىر جانابلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئالماشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد ـ سودا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە بېرىش ـ كېلىشى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ زامانىۋى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاڭ يىكاڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار مول، بايلىق توپلانغان بولۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى ۋە يول بولۇش رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى ۋە سودا تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئالاقىدار ساھەلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىنگاپورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى ھەم سەھىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.