ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ھەم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ھاۋارايى تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش - باشقۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «ئون تور»نىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختىلاپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە بۇ يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چىڭ كۆزلەپ، ھۆكۈمەت ئاجراتقان مەبلەغ سېلىنمىسى، مەخسۇس زايوم قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر قېزىپ، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىش پىلانلانغان سېلىنمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى ئۇزاق مەزگىلگە قويۇش، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىغا ئۆتۈش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق ياخشى پىلانلاپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئالاقىدار مۇلازىمەتنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ مىتورولوگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ھاۋارايى تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش بەلگىلىمىسى (لايىھە)» مۇھاكىمە قىلىندى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ھاۋارايى تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ھەم ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلان تۈزۈش، تەڭشەش، تۈر ئىجازىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ھاۋارايى تەكشۈرۈش مۇھىتىنى كۈندىلىك چارلاش - تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ھاۋارايى تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش - باشقۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئورمانچىلىققا ئالاقىدار مەبلەغنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىش ۋە چېكىنگەن ئورمانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئورمان يېرى، ئوتلاقلارنى ئىگىلىۋېلىش، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەرنى ۋەيران قىلىۋېتىش، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان تېرىش، كولاش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئورمان باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئورمان باشلىقى ئورمان چارلاش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - بازار ئورمانچىلىق پونكىتى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاق نۇقتىلىق خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاۋاتىدۇ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار كۈچەش مەزگىلىگە كىردى. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، بوران، قار - مۇز، سوغۇق ئېقىم قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت خەۋپ - خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىدىغان كەسىپ، ساھە، گېئو ئاپەت خەتەرلىك رايونى قاتارلىقلارغا چىڭ قادىلىپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتنى ئېنىقلاپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.