«توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» %80كە يېقىننى ئىگىلىدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى تارماقلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سالماقنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 3758، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 716 مىليارد 868 مىليون يۈەن بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %80ى تاماملانغان.
دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى خەرىتىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئۆز كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ بويىچە سودىگەر چاقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشى، كېڭىشىشىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن زىچ ھەمكارلىشىدىغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. 9 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» تۈرىدىن 2637سى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىپ، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 563 مىليارد 534 مىليون يۈەن بولۇپ، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي سانىنىڭ %78.6ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ توپى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تۈرلۈك ئىجادىي تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، دىققەتنى چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى (گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى) قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ۋە شېنجېندا شىنجاڭ كەسىپ ھەمكارلىقى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي 36 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 16 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» − كەسىپلەر ھەمكارلىقى بويىچە تونۇشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش نۇقتىلىق تۈرىدىن 318ى ئىمزالاندى، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 572 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىگەر چاقىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لىن يىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەتتە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۈرتكە بولىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈر زاپىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز. پۈتۈن يىلدا رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنى %8 ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.