نۇرلان ئەبىلمەجىن جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ياپونىيە، كورېيەدە زىيارەتتە بولدى

2024-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ياپونىيە، كورېيەدە زىيارەتتە بولدى.

زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەم مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا زىيارەت قىلىش، كۆرۈشۈش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ـ تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە «رەڭدار شىنجاڭ» تېمىسىدىكى تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى. ياپونىيەدىكى مەزگىلدە، دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكىلەر ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە دابەن رايونلۇق پارلامېنتنىڭ پارلامېنت باشلىقى جۇڭگۇ گۇڭديەن، ياپونىيەلىك دوستانە زات شياۋداۋ كاڭيۈ، ياپونىيە چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى گۇچۇەن جياشۇ، دابەنفۇ ياپونىيە ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋېيبېن دېيەن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ياپونىيەدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت RS جۇشى ئۇيۇشمىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. كورېيەدىكى مەزگىلدە، كورېيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لى شۆيۇڭ، كورېيە ـ جۇڭگو پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى جىن تەينيەن بىلەن كۆرۈشتى، كورېيە SK گۇرۇھىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە كورېيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

زىيارەتتە بولۇش مەزگىلىدە، نۇرلان ئەبىلمەجىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرگەنلىكى، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەنلىكى، دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل ـ رايىش بولۇۋاتقانلىقىدەك ياخشى ۋەزىيىتىنى، شىنجاڭنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى. ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكىلەر ياپونىيە، كورېيە ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ساياھەت قىلىش، كۆرۈش، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە ـ جۇڭگو ئۆزئارا مۇھىم يېقىن قوشنا، دوستانە ھەمكارلىشىدىغان ياپونىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دوستانە شەھەر بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. ياپونىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت چوڭقۇر مەدەنىيەت مەنبەسىگە ئىگە، 2025 − 2026 ـ يىلى جۇڭگو ـ ياپونىيە ـ كورېيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

كورېيە تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: كورىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۇزاق ئالاقىلىشىش تارىخى ۋە تۇتاش مەدەنىيەت مەنبەسىگە ئىگە، جۇڭگو ئۇدا 20 نەچچە يىل كورېيەنىڭ 1 ـ چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى بولۇش ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە ـ جۇڭگو يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىدا، جۇڭگو ـ ياپونىيە ـ كورېيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا، ساياھەت، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى جاي خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋ، كورېيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى فاڭ كۇن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.