ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
مەركىزىي شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سودا بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئەركىن تۇنىياز نۇرغۇن تېببىي دورا ھەم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمە ئورنىنى زىيارەت قىلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سېتىش، خەلقئارادا بازار ئېچىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس دورا بايلىقىنى ئېچىپ، «تەتقىق قىلىش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قوشۇلما قىممەتنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلاشقان تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، مەۋقە ئۈرۈمچىگە قويۇلغان، پۈتۈن شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، غەربىي رايونغا يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى «سىرتقا چىقىش»قا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، گۆھەر، قاشتاش كەسىپلەر باغچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: بايلىق ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، «قىممەت مېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش + مەدەنىيەت - ساياھەت + كەسىپ مۇلازىمىتى» يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئالتۇن ۋە ئۈنچە - مەرۋايىت كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى(مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى)دە، ئەركىن تۇنىياز ئىش بېجىرىش كۆزنىكىنى زىيارەت قىلىپ، كەسىپ بېجىرىۋاتقان چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارالىق نەزەر، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆلچەم بىلەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تاشقى ئىشلار، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بېكەت شەكلى»دىكى توپلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز شاڭخەي دۇەنخېدۇەن (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىغا كېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئادۋوكات ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىگە كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترەتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىقتىدار، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل يول ئارقىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر رايوننىڭ نۇرى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا ھۆسن قوشۇشى كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك، تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ ۋە ماكانلاشتۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.