شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 11 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى پۈتۈن شىنجاڭدا كۆپەيتىلدى، كېڭەيتىلدى

2024-11-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاچقان جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاش، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتتە تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ بويىچە كۆپەيتىلگەن، كېڭەيتىلگەن 11 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوتتۇرىغا چىقارغان.

بۇ تۈركۈم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە تىپىك مىساللار مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خادىملار ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. شىنجاڭ قۇرۇقلۇق پورتلىرىدىكى چېگرادىن كىرىپ چىققان خادىملار ئىچىدە چەت ئەللىك شوپۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولۇش، چېگرا ھالقىش قېتىم سانى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى «دائىم ئوخشاش بىر قۇرۇقلۇق پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان، چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگولۇق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئالدىن ئەنگە ئالدۇرۇش ئىجازىتى بېرىلگەندىن كېيىن، چېگرادىن كىرىپ چىققاندا تەكشۈرۈش تامغىسىنى باسمىسىمۇ بولىدۇ» سىياسىتىنى تەتبىقلاش دائىرىسىنى چەت ئەللىك شوپۇر خادىملارغىچە كېڭەيتتى. بۇ تەدبىر چەت ئەللىك شوپۇر خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىپ - چىقىدىغان تەكشۈرۈش تامغىسىنى بېسىش قېتىم سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى، كىنىشكىنى ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىر ئايدىن 40 ئايغا ئۇزارتتى، يەنە كىنىشكا بېجىرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالدى.

سودىنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق لايىھەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، «چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللارنى كۆپ پورتتا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش مەركىزى يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى» «چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى چېگرا ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» «ئاپتوموبىل <5034> چېگرا ھالقىپ پارچە سېتىش يېڭى ئەندىزىسى» قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك نەتىجىنى تونۇشتۇردى. بۇ نەتىجىلەر ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەرتىپىنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا سودا پائالىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاددىيلاشقان، تېخىمۇ ماسلاشقان، تېخىمۇ ئاشكارا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولغان مۇھىت ياراتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى يەنە يېڭى ئەندىزىلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، كونا - يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى يېڭى سۇپا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرلىك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، «تىجارەت سۇبيېكتىغا تەسىر قىلىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى» «يېڭىچە خەلقئارا سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى كۆپ خىل ھەل قىلىش سۇپىسى» «كۆپ تىللىق چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش يېڭى ئەندىزىسى» قاتارلىق قىممىتى يۇقىرى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى. مەسىلەن، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە «كۆپ تىللىق چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش يېڭى ئەندىزىسى» بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان سېتىش سوممىسى چېگرا سىرتىدىكى بازار سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، بۇ 11 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسال پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە كۆپەيتىلدى، كېڭەيتىلدى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوللىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە، 2 - تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە تىپىك مىساللىرى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش باسقۇچىغا كىردى، بۇ يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدۇ.