جەنۇبىي شىنجاڭغا يەنە بىر ئېنېرگىيە يېڭى تومۇرى قوشۇلدى

2024-11-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ باش بۆلەك تۇرۇبا يولى كېيىڭ لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

جەنۇبىي شىنجاڭغا يەنە بىر ئېنېرگىيە يېڭى تومۇرى قوشۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چېڭكەي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ باش بۆلەك تۇرۇبا يولى كېلا ـ جەنۇبىي بۈگۈر قوش لىنىيەسى 2 ـ نومۇرلۇق كىلاپان بۆلۈمى ـ يېڭىمەھەللە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كېيىڭ لىنىيەسى» دېيىلدى) مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا يەنە بىر ئېنېرگىيە يېڭى تومۇرى قوشۇلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى.

شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى «بىر تور» قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، كېيىڭ لىنىيەسىدە رەسمىي ئوت يېقىپ كەپشەرلەش باشلاندى؛ 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاساسىي تۇرۇبا يولىنى كەپشەرلەش تاماملاندى؛ 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، پۈتۈن لىنىيە بويىچە بېسىم سىناش ھەم ئازوت گازىنى ئالماشتۇرۇش تاماملاندى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبەسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي غول تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولى تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرۇبا تورىنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور دەرىجىدە ھەل قىلدى.

كېيىڭ لىنىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 ـ تۈركۈمدىكى تۈرىدە قۇرۇلغان تۇنجى بۆلەك تۇرۇبا يولى، شۇنداقلا كېلا ـ كېشېن تىرىليون كۇب مېتىرلىق چوڭ تەبىئىي گاز رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي غول تۇرۇبا تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن تۇرۇبا يولى. باشلىنىش نۇقتىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا بولۇپ، ئەگرى ـ بۈگرى ھالدا غەربكە سوزۇلۇپ، كۇچا شەھىرى، توقسۇ ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا يېڭىمەھەللە گاز يەتكۈزۈش پونكىتىغا يېتىپ بارىدۇ.

«كۈندىلىك ئەڭ كۆپ گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 11 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە كارخانىلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك گاز بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش ۋە جىددىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ تونۇشتۇردى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى قۇرۇش ـ باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈر دىرېكتورلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كاڭ چۈن.

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 99 كىلومېتىر كېلىدىغان كېيىڭ لىنىيەسى لىنىيە بويىدىكى تۆمۈريول، تاشيول، تاغ گەۋدىسى، چوڭ تىپتىكى دەريا ـ ئېقىن قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، مۇرەككەپ يەر بۆلەكلىرىدىن 66نى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىس ئىدى. تارىم نېفىتلىكى «دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى» بەرپا قىلىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈچ قۇرۇلۇش بۆلىكىگە بۆلۈپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ قۇرۇلۇش قىلىشنى تېزلەتتى، تۇرۇبا يولىنى كەپشەرلەپ ئۇلاشنىڭ بىر قېتىمدىلا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99تىن ئاشقان بولۇپ، شۇ يىلى تەستىقلاش، شۇ يىلى قۇرۇلۇش پۈتتۈرۈش، شۇ يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى قەدىمى توختاپ قالمىدى. تارىم نېفىتلىكى يېڭىمەھەللە ـ ئاچال، جەنۇبىي بۈگۈر ـ شاڭكۇ سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق كېيىنكى داۋاملاشما تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشلىرىنى ماس قەدەمدە تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش قىلىشنى لايىھەلەش، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئالدىن تۈرتكە بولماقتا ھەم بۇ يىل قىش پەسلىدىكى سۇ تارتىلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئالتە دەريا ـ ئېقىننى كېسىپ ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق كونترول قىلىش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا قويۇپ، كېلەر يىللىق تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ يىرىك پىلاندىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2108 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈچ تۈركۈم قېتىمغا بۆلۈپ يولغا قويۇش پىلانلاندى. كېيىڭ لىنىيەسى تەۋەسىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 ـ تۈركۈمدىكى تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 616 كىلومېتىر بولۇپ، 2025 ـ يىلى 11 ـ ئايدا پۈتتۈرۈش پىلانلاندى. شۇ چاغدا، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى لىنىيە بويىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى توققۇز ناھىيە، شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ، 10 مىليونغا يېقىن ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.