شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تاماملىغان سۇچىلىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 35 مىليارد 187 مىليون يۈەن بولۇپ، يىللىق 35 مىليارد يۈەنلىك نىشاننى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغان.
بۇ يىل شىنجاڭدا يېڭىدىن ئىش باشلانغان سۇچىلىق تۈرلىرىنىڭ سانى، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. قورغان، چوڭ مىڭقات جىلغىسى، يۇرۇڭقاش قاتارلىق 11 تۈرلۈك داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ ـ چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 9 مىليارد 746 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەتنىڭ چوڭ ـ چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى چوڭ توسمىسىنىڭ 2 ـ قارارلىق يۈز تاختىسىغا بېتون قۇيۇش مۇددەتتىن ئون ئاي بۇرۇن تاماملاندى، قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي زاۋۇت ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى پىلاندىكىدىن بەش ئاي بۇرۇن يېپىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ ـ چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نىشانى قەرەلىدە ئىشقا ئاشتى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلىدىغان، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى 37 بولۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان تەس، تۇمۇيا قاتارلىق ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبارلىرى پۈتكەندىن كېيىن، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى يېڭىدىن 747 مىليون كۇب مېتىر كۆپىيىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەسىل خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرى (چۈشۈرگىلەر)نىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ پۇختىلاش، سۇ ئامبارلىرىدىكى لاي ـ لاتقىلارنى تازىلاش، ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرىنى تۈزەش، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ـ ئېقىنلارنى تۈزەش قاتارلىق باشقا قۇرۇلۇشلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ «سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇنى كۆپەيتىش»تىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەملىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ ئاپىتى، سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرقانچە سۇچىلىق زور يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى پىلانلىدى، قۇردى، يېقىنقى ئۈچ يىلدا سۇچىلىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 90 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %16تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ، سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى.