شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ـ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشتە ياخشى» پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشى، ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان بېجىرىش، دائىرىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، جۇغلانما نومۇر تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى، قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي سىستېمىنى چەت ـ ياقىغىچە چىڭىتىش، خىزمەت كۈچىنى ئەڭ تۆۋەن قاتلامغىچە چۈشۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۈچ قوشۇپ يۈكنى يېنىكلىتىشنى ماس قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كۈچى ئارقىلىق كۈچلۈك يېتەكلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا تەربىيە بېرىپ تەسىرلەندۈرۈش، ئەقلىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىشنى تىرەك قىلىش رولىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەنت دەرىجىلىك بازىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈردە ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىپ، ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ھېس قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ـ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى خىزمەت قائىدىسى» ۋە ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەت لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغار ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ئىلغار ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «بەشتە ياخشى» پارتىيە ياچېيكىلىرى تەقدىرلەندى، مۇكاپاتلاندى، بەش ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.