زۇمرەت ئوبۇل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شۇاڭخې شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، بورتالا، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شۇاڭخې شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك.
ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، تۆمۈريول خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بىناسى، تاشيول پورتى ۋە جىڭ ناھىيەسى تاشيول ـ تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى قاتارلىق جايلاردا، زۇمرەت ئوبۇل باغچە رايونىغا، كارخانىلارغا كىرىپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى، پورتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇشى، تىجارىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىدىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئالاقىدار نىزام چىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا، كارخانىلارغا كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك توپلاپ، باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتى، كارخانا تىجارىتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، تيەنلەي چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق باغچە رايونى، «قىزىل يۇلتۇز شۇاڭخېنى چاقناتتى» كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىق جايلاردا، زۇمرەت ئوبۇل سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، قانۇن بويىچە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللاپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل يەنە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك سالاھىيىتى بىلەن سايلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاپ، بورتالا شەھىرىنىڭ مىڭجۇ مەھەللىسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىدا ۋەكىللەر پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككى ئالاقە باغلاش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ۋەكىللەر «ئائىلە پونكىتى» ۋە ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.