ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2024-11-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ۋە تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشى، يېتەكچى كەسىپ، ئەۋزەل كەسىپ، خاس كەسىپلەرنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىشى، بىر قېلىپتا بولۇشتىن، بىر خىللاشقان رىقابەتتىن ساقلىنىشى كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە باغچە رايونىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ۋە 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك بىر تۈركۈم كەسىپ باغچە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەۋزەل كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. باغچە رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە قاراشلىق جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق ـ مەسئۇلىيىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان يېشىل يول بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، باغچە رايونىنىڭ ئىشىنى باغچە رايونى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: گوۋۇيۈەننىڭ «ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «14 ـ بەش يىل»لىق ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانىنى تاماملاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلەكلىرىنى چۆرىدەپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىشى كۆپ، سەۋىيەسى تۆۋەن تۈرلەرنى قارىغۇلارچە يولغا قويۇشنى قەتئىي توسۇپ، كەسىپلەر توپىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە بىر تۈركۈمىنى شاللىۋېتىش، تاقىۋېتىش، توختىتىۋېتىش، بىر تۈركۈمىنى كۆچۈرۈپ باغچە رايونىغا كىرگۈزۈش، بىر تۈركۈمىنى ئۆز جايىدا ئۆزگەرتىش، بىر تۈركۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش كېرەك. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق، مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، كۆمۈر قالايدىغان پار قازانلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، كۆمۈرنى تارقاق ئىشلىتىشنى تۈزەش ھەم سانائەت خۇمدانلىرىدا پاكىز ئېنېرگىيەنى ئورنىغا دەسسىتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. چاڭ ـ توزاندىن بۇلغىنىشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شاخ ـ شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىلىك بۇلغىنىشنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ھالقىغان كۆپ تارماق بىرلىشىپ گىرەلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئوچۇق ئاشكارىلاپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، مەدەنىي، ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى مۇھىم تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەر توپىنى زورايتىپ، ماگنىينى ئاساس قىلغان، مىسنى ئاساس قىلغان ھەم يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ماتېرىياللىرى كەسپىنى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئايلانما ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتا باغچە رايونى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.