مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى شەندۇڭ، خەينەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى

2024-11-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنىدىن 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى پائالىيىتىنىڭ چاقىرغۇچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ شەندۇڭ ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسىگە بېرىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

شەندۇڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى گې خۇيجۈن، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شۈ خەيرۇڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شەندۇڭدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تەيئەن، چۈفۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مۇزېي، تەتقىقات ئاپپاراتى، مەدەنىيەت بازىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شەندۇڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەندۇڭنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. تەكشۈرۈش ئۆمىكى يەنە جىنەننىڭ كونا ـ يېڭى قۇۋۋەت ئالمىشىش باشلىنىش رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىيادى ئاپتوموبىل سانائەت باغچىسىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەم زاپچاس كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى مۇنداق بىلدۈردى: شەندۇڭنىڭ تەجرىبىلىرىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى، كۈچنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ توپلاپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولىمىز.

خەينەندە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خەيكوۋ، چېڭمەي، دەنجوۋ، سەنيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خەينەن خەلقئارا ئېنېرگىيە سودا مەركىزى، شىنخەي پورتى يولۇچى توشۇش تۈگۈنى قاتارلىقلاردا تەكشۈرۈشتە بولدى، خەيكوۋ فۇشىڭچېڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر كەسىپلەر باغچىسى، سەنيا ياجوۋۋەن پەن ـ تېخنىكا شەھەرچىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى ھەم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، دەپ قارىدى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەينەننىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچ توپلايمىز. خەينەن ئۆلكىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە مەركىزىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر چيۇڭجۈ تىياتىرى، لىزۇ مىللىتىنىڭ تاۋار ـ دۇردۇنى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئاساسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ سەنيا شەھىرىنىڭ جىياڭ رايونى بوخوۋ كەنتىدە، شۇ جاينىڭ گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلىش تەجرىبە ـ ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدى. ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: خەينەننىڭ تەجرىبىلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

جارۇللا ھېسامىدىن، ليۇ جيەنمىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى؛ شەندۇڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شىنۋېن، خەينەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شياۋ يىڭزى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.