ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى
«تەكلىپ قىلىش»«سىرتقا چىقىش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلىدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشقا تەكلىپ قىلدى ھەم سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس - ئالىملار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سوئال - جاۋاب شەكلىدىكى كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇردى.
جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛ بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى؛ 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىدا، 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارمىقى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىل شىنجاڭغا جەم بولدى...
«شىنجاڭنىڭ <تەكلىپ قىلىش> <سىرتقا چىقىش> خىزمىتىدە قاتلام - دەرىجىسى يۇقىرى، ساھە كەڭ، تۈرى كۆپ، كۆلىمى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىك نامايان بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر مۇبارەك مۇقىيىت ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلغاندا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشى ۋە ھەمكارلىق ئىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئىشلىرى ھەممە يەردە قانات يايدۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
«سوراپ باقسام، ئاپتونوم رايون قانداق قىلىپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ <سىرتقا چىقىش>ىغا كۈچ قوشتى؟» پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋاڭ چاڭخۇا سوئال سورىدى.
«ئاپتونوم رايون مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈش، ئۆمەك تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىشىنى قوللىدى ھەم شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئىقتىساد - سودا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ <سىرتقا چىقىش>ىنى قوللىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ يۈمىن شۇنداق جاۋاب بەردى، كېيىنكى قەدەمدە، «شىنجاڭ كارخانا ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش زالى» «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» قاتارلىق تور سۇپىلىرى ئارقىلىق، كارخانىلارغا سودىگەر چاقىرىش ئۇچۇرلىرى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇلىدۇ.
«جۇڭگو شىنجاڭدىن مەملىكەت سىرتىغا بېرىپ تۇرۇپ قالغان خۇاچياۋ، خۇارېنلار ناھايىتى كۆپ، قانداق قىلغاندا چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە چياۋمىنلارنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، چياۋمىنلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، چياۋمىنلارنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ؟» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ليۇ مىڭجۈن كۆپلىگەن ئەزالار كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىنى سورىدى.
يەتتە دۆلەتتىن مەملىكەت سىرتىدىكى خۇايى ياش - ئۆسمۈرلەر 2024 - يىللىق «جۇڭگودا يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرى» يازلىق لاگېرى شىنجاڭ لاگېرى پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى؛ «جۇڭخۇادا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى 2024 - يىللىق مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت سەپىرى پائالىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈلدى... ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خەن بو تاشقى تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن جاۋاب بەردى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار دەل جايىدا سوئال سوراپ، مۇھىم نۇقتىنى بىۋاسىتە كۆرسەتتى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، سەمىمىي جاۋاب بەردى. يىغىندا، ئەزالار يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.
ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق، كۆپچىلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، جەزمەن «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن ئەزالىق رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.