تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى

2024-11-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە 285 كىلومېتىرلىق گىرۋەكنى قاشالاش تۈرى نۆۋەتتە تۇتاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ھەرقايسى جايلار تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.

كېرىيە ناھىيەسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى قۇم ـ بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرايدىغان رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل رايونلارنىڭ بىرى، ناھىيە بويىچە گىرۋەكنى قاشالاشتا بوش قالغان رايون 76 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى 285 كىلومېتىرلىق گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىنىڭ تەخمىنەن %27ىنى ئىگىلەيدۇ.

«10 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۈزلۈك كۆچەت تىكىش باشلانغاندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا 76 مىڭ 600 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، شۇ ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.» كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جيا سۈنپېڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۆت كىلومېتىرى قالدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق، پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «تۇتاشتۇرۇش»نى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

گىرۋەكنى قاشالاشنى يولغا قويۇش جەريانىدا، كېرىيە ناھىيەسى ئامما قاتنىشىش، كەسىپ ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، ئۈنۈم يارىتىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاش قاتارلىق قۇملۇق رايون خاس كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قۇمنى تىزگىنلەش جەريانىدا نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىدىن ئىبارەت كۆپ جەھەتتە پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسى شىنجاڭ بويىچە ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئالتە ناھىيەگە چېتىلىدىكەن، ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى ۋە نىيە ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، تۆت ناھىيەنىڭ جەمئىي 220 كىلومېتىرلىق ۋەزىپىنى تاماملىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گىرۋەكنى قاشالاشتىكى بوش قالغان رايونلارنى يىل ئىچىدە «تۇتاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇمىي لايىھەسى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قوللايدىغان توققۇز ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا، سىياسەت، مەبلەغ، كەسىپ قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش، تارماقلار ماسلىشىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

يىرىك پىلانغا ئاساسەن، بۇ يىل شىنجاڭ 4 مىليون 909 مىڭ 800 مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملاشنى پىلانلىدى، 2030 ـ يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدىكى قۇملاشقان يەرنى تۈزەش كۆلىمى 35 مىليون مودىن كۆپرەككە يېتىدىكەن.