شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ مىنىستىرلىق، ئۆلكە ئىككى دەرىجىلىك كان چارلاش ھوقۇقىدىن 163نى رىقابەتلىك ھەقلىق بېرىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ئارقىلىق 17 مىليارد 599 مىليون يۈەن پايدا ئالغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.44 ئاشقان بولۇپ، كان تۈرلىرى كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس، لىتىي قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ۋە كۆپ مىقدارلىق قېزىلما بايلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش، بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈشنى ئازايتىش، مەخسۇس ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، گېئولوگىيەلىك چارلاش نەتىجىلىرىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى كانچىلىق ھوقۇقى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گاۋ جەنشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى توققۇز ئايدا شىنجاڭدىكى رىقابەتلىك ھەقلىق بېرىلگەن رايون بۆلەكلىرىدە تالىشىپ سېتىۋېلىشقا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىش، يۇقىرى باھا نىسبىتى بويىچە پۈتۈشۈش ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىشتەك ئالاھىدىلىك نامايان بولدى، بىرقانچە رايون بۆلىكىنىڭ باھا رىقابىتى 500 قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، يەككە رايون بۆلەكلىرىنىڭ باھا رىقابىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1432 قېتىمغا يەتتى.
شىنجاڭ قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى مول، كان ئىزدەش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. ئاپتونوم رايون بويىچە بايقالغان تۈرلۈك قېزىلما بايلىق 153 خىل، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى 103 خىل بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %88 ۋە %63ىنى ئىگىلىدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان 77 خىل بايلىق زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، نىكېل، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلار ۋە نۇرغۇن دۇنياۋى كان ياتمىلىرى بار. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 69 كارخانا يېڭىدىن ئەڭ يۇقىرى باھادا رىقابەتلىشىپ سېتىۋالغۇچى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ سىرتىدىكى كارخانا 13، شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانا 56.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەقلىق بېرىلىۋاتقان كان چارلاش ھوقۇقى 30 بولۇپ، ئاساسلىق كان تۈرلىرى مىس، ئالتۇن، قوغۇشۇن، سىنك، كۆمۈردىن ئىبارەت. 4 - پەسىلدە يەنە نېفىت - تەبئىي گاز، كۆمۈر، لىتىي، مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، فتورىت، كالىي تۇزى قاتارلىق مۇھىم قېزىلما بايلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ھەقلىق بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەقلىق بېرىش ئومۇمىي سانىنىڭ بۇلتۇرقىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.