ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 270 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2024-11-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.42 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 270 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن14.42 ئاشقان؛ يارىتىلغان ساياھەت كىرىمى 320 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن21.31 ئاشقان. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭ ئىلگىرىلەش، كۆپ ساھەدە يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

كەڭ تۇپراققا قار يېغىشى بىلەن، شىنجاڭدا يەنە يېڭى قار پەسلى باشلاندى. شىنجاڭ قار - مۇز ساياھىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر بار بولغان قار تېيىلىش مەيدانى 101 بولۇپ، سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. 2023 - 2024 - يىللىق قار پەسلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 92 مىليون 585 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن147.78 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 106 مىليارد 697 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن263.74 ئاشتى.

ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى جانلاندى، شىنجاڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى بولۇپ قالدى. مايتاغ - كۇچا تاشيولى،S101،G219قاتارلىقلار دۆلەت ئىچىدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ ئېسىل لىنىيەسى بولۇپ قالدى. 2024 - يىلى قىش پەسلىدە، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە قىش پەسلىدىمۇ مايتاغ - كۇچا تاشيولى كۇچا بۆلىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم» ۋە «جۇڭخۇانى سۆزلەش» چېگرا رايون سەپىرى 2024 - يىللىق ئالاھىدە پائالىيىتى − «دۆلەت يولى. 219 لىنىيەسىدە ئاستا يۈرۈش» قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قويۇلۇش ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئويۇنغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش، مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت شەكلىنى يولغا قويۇپ، «ئارزۇدىكىدەك جاي»نىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، بىخەتەرلىك، مۇلازىمەت ماركىسى، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن چوڭ يۈكسەلدۈرۈشھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.