ئالدىنقى ئون ئايدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى پۈتۈن شىنجاڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى

2024-11-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا:

ئالدىنقى ئون ئايدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى پۈتۈن شىنجاڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى 145 مىليارد 696 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئونمىڭدىن بىرى ئەتراپىدىكى كۆلەمدە پۈتۈن شىنجاڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %40.16ىنى ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى چېگرا ھالقىغان سودا ئەشيا ئوبوروتى يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى مەركىزى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچىسى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى،TIRيىغىلىش مەركىزى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قەشقەر، ئۈرۈمچىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىدى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى جۇڭگو ـ ياۋروپا بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىدىكى كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغانTIRئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدىن تۇنجى قېتىم يولغا چىقتى؛ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت داڭلىق نۆۋەتچى پويىزىدا «ۋوگزالغا كەلگەن ھامان بىۋاسىتە قاچىلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېكسپورت قىلىنغان ماللار شۇ كۈنى يەتكۈزۈلۈپ، ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ توشۇلدى؛ مەملىكەت بويىچە تۇنجى يۇمشاق يوپۇقلۇق ئاپتوموبىل كوللېكتىپ ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىلدى، خەلقئارا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدا «يۇمشاق يوپۇق يېپىپ پېچەت سېلىش ئەندىزىسى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا يولغا قويۇلدى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۈك توشۇلۇپ چېگرادىن چىقىرىلدى؛ 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە تاۋار ئاپتوموبىل توشۇيدىغان يۈرۈش لىنىيەسى بېكىتىلگەن نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، جەمئىي 5217 ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىندى.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى يەنە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنى پائال بەرپا قىلدى، 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ـ چىققانلار 570 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، %105.31 ئاشتى، چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلان 5900 ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، %147.48 ئېشىپ، ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ رولى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، قورغاس تۆمۈريول (تاشيول) پورتى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى دۆلەتنىڭ ئاقىل پورت سىناق نۇقتىسى بولۇش تەستىقىغا ئېرىشتى؛ قورغاس تۆمۈريول پورتى «بىر تالون بىلەن ئاخىرغىچە يەتكۈزۈش، بىرلەشتۈرۈپ مەشغۇلات قىلىش»تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى يېرىمدىن كۆپرەك قىسقارتتى، نۆۋەتتە قاتناۋاتقان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 7000دىن ئاشتى؛ قەشقەر، قورغاس بۆلەك رايونىدا «تاشيول پورتى+ تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش»تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولۇشتىن ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولۇشقا قىسقاردى؛ قورغاس تۆمۈريول پورتى يېڭىلىق يارىتىپ خەلقئارا تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ قورغاس پورتى بىلەن دولاتا پورتىدا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە «بىر مەركەز، بەش رايون، بىر بازا» بەرپا قىلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى شارائىتى بولغان، ئەۋزەللىكى بولغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پايدىلىق بولغان كەسىپ ۋە ساھەلەرگە ئورگانىك مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچلۈك بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيمىز.