شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل «قوش 11» مەزگىلىدە (10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 20دىن 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 24كىچە) شىنجاڭنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.1 ئاشقان، مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.8 ئاشقان.
مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلار جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت، مېھمانساراي، ئائىلە مۇلازىمىتى، ئويۇن قويۇش قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلىرى بىردەك ئېتىبار باھاغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، كۆپ تۈرلۈك ئالدىن زاكاز قىلىش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ توردىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشقان، ساياھەت قاتنىشى، مېھمانسارايدا يېتىش، چېگرا ئىچىدىكى ئۆمەكلەر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن.
بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بۇ يىلقى «قوش 11»دىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى، ھەرقايسى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بەس - بەستە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داڭلىق ماركىسىنى كېڭەيتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، «قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.4 ئاشقان، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگۈچىلەر 240 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. يېمەكلىك - ساقلىق ساقلاش، ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، تېرە ئاسراش قاتارلىق كەسىپلەردە توردا سېتىلىش مىقدارى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ھەرقايسى جايلار «قوش 11»لىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، باش مەنبەلىك ياخشى مەھسۇلاتلار، سۈپەتلىك بۇيۇملارنى تاللاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، قىسقا سىن، كىچىك پىراگرامما قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، كۆپ تەرەپلىك يوللار بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈرمەنلەرنى قېزىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەنتلەردىن چىقىپ شەھەرلەرگە كىرىشىنى تېزلەتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، «قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان، مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى كەسپى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.
ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «قوش 11» مەزگىلىدە، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى، سەينياۋ ئۆتىڭى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى يول توسۇقىنى پائال راۋانلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ 1.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈشىگە كۈچ قوشتى.