شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ كۈچ قوشۇش قاتارلىقلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم جاۋاب خېتى، تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ كۈچ قوشۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا يېڭى بىر تۈركۈم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرى ھوقۇق چېكىنى بەرمەكچى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھوقۇق بېرىش ئىشلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، يانداش تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشى كېرەك. ھوقۇق بېرىش بىلەن بىللە كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، بېرەلەيدىغان بولۇش، قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش، ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ھەرقايسى بۆلەك رايونلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ھوقۇق چېكىنى ياخشى ئىشلىتىشنى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم تىپىك ئۇسۇل، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي فۇنكىسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ ساھە، كۆپ قاتلام بويىچە بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشتە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. سانائەت، قاتناش - تىرانسپورت، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى ئاپپارات قاتارلىق ساھەلەردە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق دەريا - كۆللەرنى قوغداش، تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «تاشلاندۇقسىز شەھەر» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك. ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى - ئالتۇنتاغنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاممىۋى سەھىيە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تىرەك سۇپىسى ۋە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى يۇغۇرۇپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھىيە - ساغلاملىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، قاتناش - تىرانسپورت، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، تاموژنا، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئورمان - ئوتلاق قاتارلىق تارماقلار ئارا يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئۇچۇر سۇپىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر تاسادىپىي يۇقۇملۇق كېسەللىك يۇقۇمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بازىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. سەھىيە - ساغلاملىق بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلامنى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دەل ۋاقتىدا، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ھالدا ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، تىرىشىپ خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى ۋە جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى بىخ ھالەت باسقۇچىدا تۈگىتىش كېرەك. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلاردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.