12 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، 2025 - يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتقان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە 12 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىلىپ بولۇنغان بولۇپ، پىلاندىكى تېرىش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان، سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان.
قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ كەتكەن ئېتىزلار يەنىلا يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. غۇلجا شەھىرىنىڭ يىشۇي كوچا باشقارمىسى يىشىڭ مەھەللىسىدە كۈزگى بۇغدايلار كەينى - كەينىدىن مايسا چىقىرىپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئۆسۈش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ھەقىقىي تۈردە يولغا قويغىلى بولىدىغان ئېتىز پەرۋىشى پىكرىنى بېرىپ، بۇغداينىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 450 مىڭ مو كۈزگى بۇغدايمۇ ئارقا - ئارقىدىن مايسا چىقاردى، بۇ جاي كۈزگى بۇغداينى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، سۇ، ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كېلەر يىلى بۇغدايدىن يەنە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.
كۈزگى بۇغداينى تولۇق، ياخشى تېرىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ. كۈز كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون 2025 - يىللىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ جىددىي يىغىۋېلىش، جىددىي تېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېڭىز زىرائەتلىرىنى يىغىۋېلىش بىلەن كۈزگى بۇغداينى ئېڭىز ئورنىغا تېرىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كۈزگى بۇغداينىڭ مۇۋاپىق مەزگىلدە تېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يەر تۈزلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر بوشىتىپ ئاغدۇرۇش، تۈجۈپىلەپ تېرىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، يەر ۋە مايسا ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، مايسا ئەھۋالىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بۇغداينىڭ قىش كىرىشتىن بۇرۇن تىمەن مايسا چىقىرىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇڭ داۋفا مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى كۈزگى بۇغداي ئېتىز پەرۋىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۈزگى بۇغداي مايسا ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، توڭ ياتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىلىرىنى يۆتكەش، توشۇش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇغداي مايسىلىرىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.