ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بىر يىلدىن بۇيانقى خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ياخشى تەجرىبە - ئۇسۇللار ئالماشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسى، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقاتىنىڭ ئىدىيەسى، مەزمۇنى، يولى، شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقاتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ دەۋر تېمىسىغا ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى جانلىق نامايان قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە دائىر ھېكايىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ياخشى سۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ياخشى سۆزلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ھېكايىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ياخشى سۆزلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلاش، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ياخشى سۆزلەپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ھېكايىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ياخشى سۆزلەپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دېموكراتىك سۆز قىلىش ئەۋزەللىكىگە ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەم يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە قوبۇل قىلىش» بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇنلار ھەم ئەسەرلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، جۇڭگو گېزىتى شىنجاڭ مۇخبىرلار پونكىتى قاتارلىق يەتتە ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.