باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدىپۈتۈن شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2024-11-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مېڭشياڭ» ناملىق بۇرغىلاش ـ چارلاش ئوكيان پاراخوتىنىڭ پۈتۈپ سەپكە قوشۇلغانلىقى، 2024 ـ يىللىق دۇنيا جۇڭگو تىل ـ يېزىقى يىغىنى، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتى ۋە بىرازىلىيەدىكى دوستانە زاتلارغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر ۋە ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خەلقئارا جۇڭگو تىل ـ يېزىقى مائارىپى ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالىي مائارىپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئىلمىي ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنى پىلانلاش، لايىھەلەشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، بوشلۇق ئەندىزىسى ۋە بايلىق مۇھىم ئامىلىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىخچام، فۇنكسىيەسى توپلاشتۇرۇلغان، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان شەھەر مەركىزىنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، قارىغۇلارچە كېڭەيتىۋېتىش، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قۇرۇلۇشىنى شەھەر قۇرۇلۇشىغا باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر قۇرۇلۇش رايونى كەسىپ چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، سانائەتنىڭ باغچە رايونىغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەرنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىرىشىپ كەسىپ گۈللەنگەن، مۇھىتى گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل شەھەرنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلىشىش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىدار، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە قىياپىتىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە چىڭ تۇرۇشنى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى پۇختا تۇتۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەركەز قاتلىمىدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭدىكى شەكىلۋازلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھەلەرگە ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن ماسلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سىياسەت مەدىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، چارۋىچىلىقنى ئەۋزەل كەسىپ رايونىغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلەپ، چوڭ تىپتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كۆلەملىك، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چارۋىچىلىقتا ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ۋە ماركېتىڭ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كارخانىلار دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.