شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تۇنجى تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنى ئۇزاق مەزگىللىك پېرېۋوت راسچوتى قىلىش كەسپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.
شۇ كۈنى، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات فۇما خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 80 مىڭ دوللار مال پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى، سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تارماق بانكىسىدا تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتى ئارقىلىق بۇ شىركەتكە ئۇزاق مەزگىللىك پېرېۋوت راسچوتى بېجىرىپ بەردى.
تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوت ھېساباتى بولۇپ، چېگرا سىرتىدا (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قانۇنلۇق تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپپاراتلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە چېگرا ئىچىدىكى بانكىدا ئاچقان تاشقى پېرېۋوت ھېساباتىنى كۆرسىتىدۇ.
10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار ئۈچۈن تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتى ئارقىلىق خەلق پۇلى ۋە تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي بۇيۇملىرى سودىسىنى بېجىرىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلدى.
ھازىرقى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدە قوش يۆنىلىشلىك كەڭ دائىرىلىك داۋالغۇش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، «تەپسىلىي قائىدە» چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، قەرەللىك ھوقۇق قاتارلىق تاشقى پېرېۋوت مەھسۇلاتلىرىنى جانلىق تاللىشىنى قوللاپ، ئالماشتۇرۇلىدىغان پۇلنىڭ باھاسىنى بېكىتىپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇش خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلاندى. «تەپسىلىي قائىدە»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەم شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوت سودىسىغا قاتناشقان ئاساسىي گەۋدىلەرنى بېيىتتى، ھەم بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت كىرىشتۈرمە سودا مەزگىلىدىكى قىممەتنى ساقلاش كەسپى تۈرىنى كۆپەيتتى، بۇ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىر.
فۇما خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى ئىچىدىكى تۈرلۈك ماللار، يېمەكلىك، بەش خىل مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماللارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېگرا سىرتى ئاپپاراتى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ما فۇمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتى كارخانىمىزنى تېخىمۇ قولايلىق ۋە جانلىق راسچوت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى، «ھازىر كارخانىمىز تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتى ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغان چەت ئەل پۇلىنى پېرېۋوت راسچوتى قىلىپ چىقىم قىلالايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنالايدىغان بولدى».
سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى خەلقئارا كەسپى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى يەن مۇنداق بىلدۈردى: تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنى ئۇزاق مەزگىللىك پېرېۋوت راسچوتى قىلىش كەسپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يەنە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە ئېچىۋېتىشىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلىدىكى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، مۇئامىلىدارلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، كەسپىي بولغان چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.