تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2024-11-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېقىندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى پىكىر يولى، چارە ۋە سىياسەت - تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىقلارغا قارىتا، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، تەدبىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا، ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، شىنجاڭنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇمىز ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرغان، مۇھاكىمە قىلغاندىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم، بىز ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش، ھەربىر تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئالغا سىلجىتىشتا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دىققەتنى كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى قىيىن مەسىلە، بېسىلىپ قالغان دېلو، جاھىل كېسەلنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.