ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا پائال سىڭىشىشكە يېتەكلەش كېرەك

2024-11-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا پائال سىڭىشىشكە يېتەكلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭخەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭدا ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، توققۇز نەپەر ئەزا، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداش يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ياش - ئۆسمۈرلەرگە زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، نەزەرىيەنى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھەم تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياش - ئۆسمۈرلەردە ئىلمىي ساپا يېتىشتۈرۈپ، «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس»تىن ئىبارەت ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسى خىزمىتى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش تەكلىپى بېرىمىز.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدىيە «روھى»نى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ياش - ئۆسمۈرلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، غايىسىنى چىڭ ساقلاش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ بىرىنچى پەللىسىنى ياخشى بېسىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. مەدەنىيەت «يىلتىزى»نى يېتىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتەك تارىخىي پاكىت قاتارلىقلارنى قاراتمىلىق ھالدا تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل «تومۇر»غا ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنقىلابىي مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پارتىيە تارىخى سارىيى قاتارلىقلارنىڭ ئادەم تەربىيەلەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى دائىملىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مائارىپ «ئاساسى»نى پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا پائال سىڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ياشلىق باھارى كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ شيەنيى باش تېمىلىق سۆز قىلدى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، ھەسەنجان ئەخمەت يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇردى.