دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر قاتناش ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئېشىش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك. نىشان - ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشى ۋە 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تۈرى تىزىملىكىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يول لىنىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىشقا شارائىت يارىتىپ، 4 - پەسىلدىكى مەبلەغ سېلىش خىزمىتىنى ئادەتتىن تاشقىرى ھالەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، كېچىلىك ئىستېمال كەسىپ ھالىتى مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمالنىڭ ئاۋات پەسلىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. قار - مۇز ئىقتىسادى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قار - مۇز ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى قىشتا شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا قارىتا مالىيە خاراكتېرلىك يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە قانۇننى جانلىق ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتتىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر قاتناش ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى» مۇھاكىمە قىلىندى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر قاتناش ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، زامانىۋى شەھەر ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر قاتناش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى قوغداش، ئېچىشقا ئۇيغۇن بولغان شەھەر قاتناش ئۇل ئەسلىھە تىرەك سىستېمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، شەھەر ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈپ، ئالدى بىلەن پىلانلاپ، ئاندىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر ئۈستى، يەر ئاستى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئېچىشنى تېزلىتىپ، شەھەرلەردە شەھەر قۇرۇلۇش رايونىدىكى يول تورى زىچلىقى ۋە يول كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك. يۈرۈشلۈك ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى بىلەن شەھەر قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ماس قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەرلەردىكى ماي قاچىلاش - گاز قاچىلاش پونكىتى، توكلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە پونكىتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، خەلق ئىشلىرى ساھەسىدە سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسى، مۇلازىمەت - كاپالەت سىستېمىسى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى، جەمئىيەت قاتنىشىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، جەمئىيەت ئىشلىرى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 2024 - يىلىدىكى ئون خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.