ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش ۋە مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مۇھاكىمە قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش دېلوسىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم جاۋاب خېتى، تەبرىك خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالارنى بىخ ھالەت باسقۇچىدىلا تۈگىتىپ، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلار، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، خەۋپ ـ خەتەرگە ھۆكۈم قىلىشنى ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلەپ، ئاساسلىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ بىرىنچى سەپكە چۆكۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، پۇختىلاش، تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەۋپ ـ خەتەرنى بالدۇر تۈگىتىش، كىچىكىدە تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ رايونى «لاۋياڭشۇ لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى»دىكى بارلىق يولداشلارغا، جۇڭگو دېڭىز ـ ئوكيان داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتى ۋە جۇڭشەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كىلاسسىكشۇناسلىق يىغىنىغا ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى پەرق ۋە يېتەرسىزلىك، پۇرسەت ۋە شارائىتنى چوڭقۇر ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بەرپا قىلىپ، كۆپ خىللاشقان پەن ـ تېخنىكا سېلىنما مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپا ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە توپلاش كېرەك. كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى ئېچىش ۋە خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىللىق خاراكتېرى، ئىستراتېگىيە خاراكتېرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ قوللاش سىياسىتى ۋە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ۋە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك. ئىستراتېگىيە جەھەتتىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلار ئارىسىدىكى، شەھەر ـ يېزىلار ئارىسىدىكى مائارىپ تەرەققىياتى پەرقىنى كىچىكلىتىشنى كۆزلەپ، بايلىق تەقسىماتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالىي مائارىپ ۋە كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك. مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ شۇجىلىقىغا، مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ئەلالارنى تاللاش، كۈچلۈكلەرنى سەپلەش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار، ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇشىدا، ئالاقىدار تەرەپلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسلىق بۇلغىنىش مەنبەسىنى دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش، نىشانلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، مەنبەدىن تۈزەش ئۈنۈمىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلار مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئىلمىي بولغان پىكىر يولى ۋە چارىلەر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تېخنىكا يولىدىن پايدىلىنىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ، دادىل ئىش قىلىپ ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتە تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.