ئالدىنقى توققۇز ئايدا شىنجاڭنىڭ تېز يوللانما كەسىپ مىقدارى 300 مىليون پارچىدىن ئاشتى

2024-11-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق كەسىپ مىقدارىدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 9 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تېز يوللانما كەسىپ مىقدارى 312 مىليون پارچە تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.57 ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق كەسىپ مىقدارىدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 9 ـ ئايدا تېز يوللانما كەسىپ مىقدارى 44 مىليون 706 مىڭ 100 پارچە تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.42 ئېشىپ، شىنجاڭ تېز يوللانما بازىرىنىڭ گۈللىنىشى، جانلىنىشى ۋە تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقى نامايان قىلىنغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پوچتا تېز يوللانما كەسپىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كەسىپ مىقدارى 35 مىليون پارچىگە، كەسىپ كىرىمى 580 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، مەھسۇلات ئامىلى ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ «يەتكۈزۈش ھەققى كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان رايونلار» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى تەڭ كۈچەپ، شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدىغان تېز يوللانمىلارنى ئوتتۇرا بېكەتتە ئالماشتۇرۇپ يىغىپ توپلاش، يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى ئاچتى، شۇ جايدىكى ئامبارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقى مىسلىسىز بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. شىنجاڭغا «يەتكۈزۈش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش»نىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ توردا سېتىۋېلىش ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىلدى، تېز يوللانمىنىڭ كۈندىلىك يەتكۈزۈش مىقدارى %30 ئېشىپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان كەسىپ مىقدارىنىڭ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە يىلىغا كىشى بېشى تېز يوللانما ئىشلىتىش مىقدارى 48 پارچىدىن ئاشتى. «يەتكۈزۈش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش» شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يېزا ئەۋەتىش ـ يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دىققەتنى ئاخىرقى ئۇچتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا تېز يەتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە كەنت دەرىجىلىك ئەۋەتىش ـ يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىدىن جەمئىي 8025ى تەسىس قىلىندى، ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %99.8كە يەتتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، تېز يەتكۈزۈش كەسپى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى تېزلەتتى، مەسىلەن، شىنمېي، ياڭاق، ئاق ئۆرۈك، نەشپۈت قاتارلىق كەسىپ مىقدارى 50 مىليون پارچىغا يېقىنلىشىپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 3 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى. تېز يەتكۈزۈش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەنتتىن چىقىرىپ شەھەرگە كىرگۈزۈش، ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسلىق يولىغا ئايلاندى.